توگودا تۇنجى قېتىم بىر ئايال باش مىنىستىر بولدى

توگو پىرېزىدېنتنىڭ مەخسۇس كاتىبات مۇدىرى ۋىكتوئېر دوگبې تومېگا توگو باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى.

1499096
توگودا تۇنجى قېتىم بىر ئايال باش مىنىستىر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پىرېزىدېنت فائور گناسىڭبې، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن باش مىنىستىر كومى سېلوم كلاسسونىڭ ئورنىغا ۋىكتوئېر دوگبې تومېگانى تەيىنلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ تۇنجى ئايال باش مىنىستىرى بولغان تومېگانىڭ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە كابىنېتنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.


خەتكۈچ: #ئايال , #توگو

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر