ئامېرىكا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشنى پىلانلىماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ترامپ ھۆكۈمىتى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ۋىزىغا چەكلىمە قويۇشنى پىلانلىماقتا.

1498052
ئامېرىكا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىلىرىغا 4 يىلغا قەدەر مۇقىم مۇددەت چەكلىمىسى قويۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن سۇنۇلغان تەكلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «تېررورىزمغا ياردەم بېرىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن ئورۇن ئالغان جايلاردىن ئامېرىكاغا بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنىڭ ئىككى يىل بىلەن چەكلىنىشىنى مەزمۇن قىلىدىكەن.

مەۋجۇت شەرتلەر ئاستىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بارغان ئوقۇغۇچىلار، تاكى ئوقۇش پۈتتۈرگەنگە قەدەر ئامېرىكادا تۇرالايدىكەن.

چەكلىمە يولغا قويۇلغان تەقدىردە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىلىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، قوشۇمچە ۋاقىتقا ئېھتىياجى چۈشىدىكەن، كېسەللىك، ياكى كونترول سىرتىدا ئوتتۇرىغا چىققان بىرەر سەۋەبنى كۆرسىتىشلىرى شەرت بولىدىكەن.

مەزكۇر چەكلىمە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىسا، «ف»، «ج» ۋە «ئى» كاتېگورىيەلىرىدىكى ۋىزا ساھىبلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

چەكلىمىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى چەت ئەللىك ژۇرنالىستلار ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر