ئەرمېنىيە ت ر ت ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئەترەتلىرىنى نىشان قىلدى

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئەزەربەيجانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ئەسناسىدا رايوندا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان «‹ TRT Haber› قانىلى» ۋە «ئانادولۇ ئاگېنتلىقى» ئەترەتلىرىىنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

1498084
ئەرمېنىيە ت ر ت ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئەترەتلىرىنى نىشان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6 ئەتراپىدا ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنى بويلاپ، كەڭ كۆلەملىك ئىغۋاگەرچلىك قىلىپ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرى ۋە پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىنى توپقا تۇتقان.

ھۇجۇملارنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش لىنىيەسىگە كەتكەن خەۋەرچىلەر ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان رايوندا، ئاۋۋال ھاۋادا ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى كۆرۈلگەن.

ئاندىن خەۋەرچىلەر تۇرۇۋاتقان جاي نىشان قىلىنىپ، ئەرمېنىيە تەرىپىدىن مىنامىيوت ئېتىلىشقا باشلىغان. كۆپ قېتىم ئېتىلغان توپ ئوقلىرى خەۋەرچىلەرنىڭ 100 مېتىر  نېرىسىغا چۈشكەن. ئۆزلىرىنى مۇلازىمەت ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقىسىغا ئاتقان خەۋەرچىلەر، ھۇجۇمدىن ئاخىرقى پەيتتە قۇتۇلۇپ قالغان.

ۋەزىپە ئۆتىشىگە يول قويۇلمىغان ئەترەتلەر، مىنامىيوت ئېتىلىۋاتقاندا بۇ جايدىن يىراقلىشىشقا مەجبۇر بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر