ب د ت: پۇتىننىڭ ۋاكسىنا تەكلىپىنى ئويلىشىپ باقىمىز

ستېفان دۇجارىك، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ب د ت خىزمەتچىلىرىنى ھەقسىز كوۋىد - 19 ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە ب د ت تېببىي تارمىقى خادىملىرىنىڭ قاراپ چىقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1497379
ب د ت: پۇتىننىڭ ۋاكسىنا تەكلىپىنى ئويلىشىپ باقىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ب د ت خىزمەتچىلىرىنى ھەقسىز كوۋىد - 19 ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە ب د ت تېببىي تارمىقى خادىملىرىنىڭ قاراپ چىقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇجارىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ب د ت نىڭ، پۇتىننىڭ كوۋىد - 19 ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل  قىلىپ – قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەردى.

«سېخىيلارچە قىلىنغان بۇ تەكلىپكە رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەن دۇجارىك، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىز ئىلىم- پەننىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرىكەت قىلىمىز، بۇ تەكلىپ تېببىي تارماقلىرىمىز تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پۇتىن، ب د ت 75- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، «بىز ۋاكسىنامىزنى ب د ت خىزمەتچىلىرىگە ھەقسىز تەمىنلەشنى تەكلىپ قىلىمىز» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر