مالايشىيا قىرغىقىدا 6 كۆچمەننىڭ جەسىتى تېپىلدى
مالايشىياغا دېڭىز يولى بىلەن بېرىشقا ئۇرۇنۇش جەريانىدا سۇغا غەرق بولغان 6 كۆچمەننىڭ جەسىتى قىرغاقتىن تېپىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باياناتىدا، تۈنۈگۈن (2020-يىلى 20-سېنتەبىر) ئەتىگەندە دېڭىز بويىدىكى جوخور ئۆلكىسىگە قاراشلىق كوتا تىڭگى دېڭىز ساھىلىدا 6 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى باياناتچىسى ھۈسەيىن زامورا كۆچمەنلەرنىڭ ھىندونېزىيەلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «جەسەتلەرنى تاپقاندىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتا ئوخشاش كۆچمەن گۇرۇپپىسىغا تەۋە 6 نەپەر ھىندونېزىيە پۇقراسىنى نازارەتكە ئالدۇق» دېدى.
ھۈسەيىن زامورا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 4 نەپىرىنىڭ ئايال، 2 نەپىرىنىڭ ئەر ۋە ئۇلارنىڭ 31 ياشتىن 46 ياشقىچە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ھۈسەيىن زامورا جەسەتلەرنىڭ قانۇن دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە نازارەتكە ئېلىنغانلارنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.