لىۋىيە تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىقىدا ئارمىيەنى يېڭىلاش خىزمەتلىرىنى باشلىدى

لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سالاھىددىن ئەننەمرۇش، تۈركىيە بىلەن ئارمىيەنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۈرۈش پروگراممىلىرىرىنى ئىجرا قىلىشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1494258
لىۋىيە تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىقىدا ئارمىيەنى يېڭىلاش خىزمەتلىرىنى باشلىدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سالاھىددىن ئەننەمرۇش فېيسبۇكتىكى ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ لىۋىيەدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان تۈركىيە تەرەپ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئالاقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز تۈركىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قوراللىق ئارمىيەنى يېڭىدىن قۇرۇش، ھاۋا مۇداپىئەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە ئالاھىدە قىسىملارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پروگراممىلىرىنى يولغا قويۇشقا باشلىدۇق» دېدى.

سالاھىددىن ئەننەمرۇش بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۇنجى تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ پايتەخت تىرىپولىنىڭ غەربىدە تەييارلانغانلىقىنى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەزىپىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن بىر ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سالاھىددىن ئەننەمرۇش 17 – ئاۋغۇستتىكى باياناتىدا ھەربىي تەلىم - تەربىيە ۋە مەسلىھەت ساھەسىدە ھەربىي ئورگانلارنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن لىۋىيەنى قوللاش ھەققىدە تۈركىيە ۋە قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر