بېلارۇسىيەدە نامايىشلار داۋاملاشماقتا

بېلارۇسىيەدە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلار داۋاملاشماقتا.

1494360
بېلارۇسىيەدە نامايىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۋىتتېردا، پايتەخت مىنسكتا پىرېزىدېنتلىق سارىيى بىلەن ئالىي سوتنى قورشاۋغا ئېلىش ۋە مەملىكەت مىقياسىدا نامايىش قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى.

بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسكتا (20-سېنتەبىر) بىخەتەرلىك تارماقلىرى پىرېزىدېنتلىق سارىيى جايلاشقان رايون ۋە شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن رۇخسەتسىز نامايىشلار سەۋەبىدىن قاتتىق تەدبىرلەر ئېلىندى. شەھەردىكى ستېللا مەيدانىغا قاراپ يۈرۈمەكچى بولغان بەزى نامايىشچىلار تۇتۇلدى.

ئۆتكەنكى ھەپتىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاز كىشى قاتناشقان نامايىشلاردا، تۋىتتېردا چاقىرىق ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، نامايىشچىلار پىرېزىدېنتلىق سارىيىغا قاراپ يۈرۈمىدى.

نامايىشچىلار شەھەر مەركىزىدىكى بەزى كوچىلاردا بېلارۇسىيە 1995-يىلىدىن بۇرۇن ئىشلاتكەن قىزىل-ئاق-قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ، شوئار توۋلىدى، ئارقىدىن ئۆزلىكىدىن تارقالدى.

بېلارۇسىيەدە 2020-يىلى 9-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، ھازىرقى پىرېزىدېنت لۇكاشېنكونىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن، سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نامايىشلار پارتلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر