ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شىمالىغا رادار سىستېمىسى ۋە بىرونېۋىكلارنى يوللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيەسى مەركىزىي قىسىملار قوماندانلىقى، سۈرىيەنىڭ شىمالىغا سېنتىنېل تىپىدىكى رادار ۋە برادلېي تىپلىق بىرونېۋىك ماشىنىلارنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1493642
ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شىمالىغا رادار سىستېمىسى ۋە بىرونېۋىكلارنى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي قىسىملار قوماندانلىقى باياناتچىسى پولكوۋنىك بىل ئوربان، «ئامېرىكا مەركىزىي قىسىملار قوماندانلىق ئىشتابى سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياردەمچى بولۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئۈستىدىكى چارلىغۇچى كۈرەشچى ئايروپىلان سانىنى كۆپەيتىشنىڭ تەييارلىق قەدىمى سۈپىتىدە، سۈرىيە بىخەتەرلىك رايونىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن سېنتىنېل رادارى ۋە برادلېي تىپلىق بروۋنېۋىك جەڭ ئاپتوموبىللىرىنى  ئەۋەتتى» دېدى.

ئوربان، بۇ قەدەملەرنىڭ «ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش» ئۈچۈن تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى برادلېي ئاپتوموبىللىرىنى سۈرىيەگە ئەۋەتكەن ئىدى. ئامېرىكا سۈرىيەدىكى ھەر قانداق دۆلەت بىلەن توقۇنۇشۇشنىڭ كۇيىدا ئەمەس، بىراق زۆرۈر تېپىلغاندا بىرلەشمە ئارمىيەنى قوغدايدۇ» دېدى.

ئوربان ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ ئاپتوموبىللار ۋە رادار سىستېمىسىنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىشلىتىدۇ» دېدى.

سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر قىسىم رايونلاردىن چېكىنگەن ئامېرىكا ئارمىيەسى، سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى دېگەن نامنى ئىشلىتىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، رايوندىكى نېفىت ئەسلىھەلىرىنى كونترول قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر