ئاپتوبۇس ۋە ئاپتوموبىل چوڭلۇقىدىكى ئىككى مېتېئورىت دۇنياغا يېقىن يەردىن ئۆتتى

ئىككى مېتېئورىت، بىرى ئاپتوبۇس، يەنە بىرى ئاپتوموبىل چوڭلۇقىدىكى ئىككى مېتېئورىت تېشى يەرشارىغا يېقىن يەردىن ئۆتتى.

1492259
ئاپتوبۇس ۋە ئاپتوموبىل چوڭلۇقىدىكى ئىككى مېتېئورىت دۇنياغا يېقىن يەردىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى – ناسانىڭ رېئاكتىپ ئىتتىرىش تەجرىبىخانىسى قارمىقىدىكى يەرشارىغا يېقىن ئاسمان  جىسىملىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «2020 RF3» ۋە «2020 RD4» دەپ ئاتالغان ئىككى مېتېئورىت تېشى ئالدىنقى كۈنى كېچە ئىككى سائەت ئارىلىق بىلەن يەرشارىغا يېقىن يەردىن ئۆتكەن.

مېتېئورىتلارنىڭ ئاپتوبۇس چوڭلۇقىدىكى بىرىنچىسى يەر شارىغا 94 مىڭ كىلومېتىر، ئاپتوموبىل چوڭلۇقىدىكى يەنە بىرى بولسا، 106 مىڭ كىلومېتىر يېقىنلاشقان.

ھەر يىلى زور مارس بىلەن يۇپىتېر ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق ئىستېروئىد بەلبېغى ۋە نېپتۇننىڭ سىرتىدىكى كۇيپېر بەلبېغىدىن ئاجرىغان نۇرغۇن كىچىك سەييارىلەر قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەر شارى ئوربىتىسىغا كىرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ.


خەتكۈچ: #مېتېئورىت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر