روبېرت رېدفىلىد: ماسكىنىڭ قوغداش كۈچى ۋاكسىنىدىنمۇ يۇقىرى

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى روبېرت رېدفىلىد، «ماسكا كوۋىد – 19 دىن مۇداپىئەلىنىشكە ۋاكسىنىدىنمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى.

1492269
روبېرت رېدفىلىد: ماسكىنىڭ قوغداش كۈچى ۋاكسىنىدىنمۇ يۇقىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشقان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى روبېرت رېدفىلىد، ئامېرىكانىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتىكى نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

يۇقۇمنىڭ پۈتۈن ئامېرىكا مىقياسىدىكى تەسىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ۋاكسىنا تېپىلغان تەقدىردىمۇ يۇقۇمنىڭ بىر كېچىدىلا ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان رېدفىلىد، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ، ماسكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، «ماسكىنىڭ ئىشقا يارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆپ ساندا ئىنتايىن ئېنىق ئىلمىي پاكىتلىرىمىز بار، ھەتتا، ماسكا كوۋىد - 19 دىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتە ۋاكسىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىدۇ، دېيەلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋاكسىنىنىڭ ھەممە ئادەمگە ئوخشاش نىسبەتتە ئۈنۈم كۆرسەتمەسلىكىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن رېدفىلىد، ماسكىنىڭ ئۇنى توغرا ئىشلەتكەن ھەممە كىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن قوغدايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر