گوللاندىيەدە 2 يىل ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن مۈشۈك بېلگىيەدىن تېپىلدى

بېلگىيەدىكى ھايۋانات سۆيەرلەر مۈشۈكنى ئىگىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سەپەرۋەرلىك  پائالىيىتى باشلىدى.

1491941
گوللاندىيەدە 2 يىل ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن مۈشۈك بېلگىيەدىن تېپىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەتبۇئارلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرى ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق بىر كىشىنىڭ مۈشۈكى 2018 - يىلى مايدا يوقۇلۇپ كەتكەن. چىشى مۈشۈك ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا روتتېردامدىن 90 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بېلگىيەنىڭ تورنھات شىھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان.

«PZT» ناملىق ھايۋانات سۆيەر بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن ھايۋاناتلارنى ئاسراش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلغان مۈشۈكتە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئەسناسىدا بىر تەقىپ ئۈسكىنىسى بايقالغان. تەقىپ ئۈسكىنىسى تەكشۈرۈلگىنىدە بولسا، مۈشۈك ئىگىسىنىڭ ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرى چىققان.

تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلگەندە، مۈشۈك ئىگىسىنىڭ تەقىپ ئۈسكىنىسىگە يېزىلغان ئادرېستىن يۆتكىلىپ كەتكەنلىكى ۋە  تېلېفون نومۇرىنىڭمۇ ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

بېلگىيەدىكى ھايۋانات سۆيەرلەر مۈشۈكنى ئىگىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سەپەرۋەرلىك  پائالىيىتى باشلىغان.

ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر مۈشۈكلەرنى تىزىمغا ئېلىش ئۈچۈن تەقىپ ئۈسكىنىسى تاقىلىشىنى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر