دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 30 مىليونغا قاراپ ئۆرلىمەكتە

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 933 مىڭ 930 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 29 مىليون 503 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 21 مىليون 329 مىڭدىن ئاشتى.

1491186
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 30 مىليونغا قاراپ ئۆرلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 199 مىڭ 148 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 6 مىليون 751 مىڭ 113 كە چىقتى.

ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە بولسا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 41 مىڭ 637 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. جەمئىي 371 مىڭ 175 كىشى يۇقۇملاندى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 مىڭ 950 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 387 مىڭ 252 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 35 مىڭ 624 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىتالىيەدە، يۇقۇملانغانلار سانى ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 288 مىڭ 761 گە چىقتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 207 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 29 مىڭ 848 گە چىقتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى ئۈچ كۈندە 27 مىڭ 404 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ۋە جەمئىي ساننىڭ 593 مىڭ 730 غا چىققانلقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيە «كادېنا سېر رادىيوسى» (Cadena Ser) ئۆتكەن ھەپتە دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا باشلانغان يېڭى ئوقۇ-ئوقۇتۇش يىلىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە، ئەڭ ئاز دېگەندە 137 مەكتەپتە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پورتۇگالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۆت كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي ساننىڭ 871 گە چىققانلىقىنى، 613 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 64 مىڭ 596 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پورتۇگالىيەدە بۈگۈن (2020-يىلى 15-سېنتەبىر) دىن باشلاپ 10 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ توپلىنىشى چەكلەندى. سودا مەركەزلىرى ۋە دۇكانلارنىڭ ئېچىلىش-تاقىلىش ۋاقتىغا، ھاراق سېتىشقا، رېستوران ۋە قەھۋەخانىلارنىڭ تولۇش نىسبىتىگە يېڭىدىن چەكلىمىلەر قويۇلدى.

بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 132 مىڭ 117 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىليون 349 مىڭ 544 كە چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 228 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 71 مىڭ 49 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا 3 مىڭ 335 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي سان 671 مىڭ 716 گە چىقتى.

ئاۋستىرالىيەدە 2020-يىلى 13-ئىيۇلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم كۆرۈلمىدى. ۋىكتورىيا ئىشتاتىدا 42، يېڭى جەنۇبىي گاللېردا يەتتە، كۋىنسلەندتە بىر كىشى يۇقۇملاندى. مېلبورندىن باشقا رايونلاردا پەيشەنبە (2020-يىلى 3-سېنتەبىر) كۈنىدىن باشلاپ ۋىرۇسقا قارشى يولغا قويۇلغان قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ بوشىتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

پېرۇدا 30 مىڭ 812، كولومبىيەدە 23 مىڭ 313، چىلىدا 12 مىڭ 13، ئارگېنتىنادا 11 مىڭ 667 ۋە ئېكۋادوردا 10 مىڭ 922 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ھىندىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 81 مىڭ 39 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. 4 مىليون 948 مىڭ 992 كىشى يۇقۇملاندى. تۈنۈگۈن (2020-يىلى 14-سېنتەبىر) ئېچىلغان پارلامېنت يىغىنىدا 25 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 18 مىڭ 785 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 73 مىڭغا چىقتى.

ئىراندا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 140 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 23 مىڭ 453 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا 2 مىڭ 705 كىشىنىڭ يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 407 مىڭ 353 كە چىقتى.

ئىراقتا يېقىنقى 24 سائەتتە 80 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 8 مىڭ 166 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 4 مىڭ 244 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 298 مىڭ 702 گە چىقتى.

ئىسىرائىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 4 مىڭ 973 كىشى يۇقۇملاندى. بۇ ئىسىرائىلىيەدە ھازىرغىچە كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقۇم سانى بولدى.

ئىسىرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى بىر كۈندە 5 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە جەمئىي ساننىڭ 141 گە چىققانلىقىنى، جەمئىيب يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 162 مىڭ 13 كە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 26 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىڭ 528 گە چىققان ئىيوردانىيەدە، يېڭى تەدبىرلەر رامكىسىدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە جامەلەردە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش ۋاقىتلىق توختىتىلدى. مەزكۇر قارار پەيشەنبە (2020-يىلى 3-سېنتەبىر) دىن باشلاپ ئىككى ھەپتە ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئافرىقادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۆلۈم كۆرۈلگەن جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 15 مىڭ 499 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. يۇقۇملانغانلار سانى 650 مىڭ 749 غا چىقتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر