ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى مۇئەييەنلەشتى

ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى (LDP) نىڭ رەئىسلىك سالىمىدا دۆلەت كابىنېتى باش كاتىپى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى سۇگا يوشىھىدە غەلىبە قىلدى.

1490286
ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابى شىنزو ئاۋغۇست ئېيى ئاخىرىدا سالامەتلىكى سەۋەبىدىن باش ۋەزىرلىك ۋە پارتىيە رەئىسلىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، دۆلەت كابىنېتى باش كاتىپى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى سۇگا يوشىھىدە، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى (LDP) نىڭ سىياسىي تەتقىقات كېڭىشى رەئىسى كىشىدا فۇمىئو شۇنداقلا سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى (LDP) نىڭ سابىق باش كاتىپى ئىشىبا شىگېرۇ پاتىيە رەئىسلىكى سايلىمىدا رىقابەتكە چۈشتى.

71 ياشلىق سۇگا يوشىھىدە سايلامدىكى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۆلىكىلىك زەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان 534 بېلەتنىڭ 377 سىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە رەئىسلىكىگە سايلاندى.

سۇگا يوشىھىدە  پارتىيە ئىچى 393 پارلامېنت ئەزالىرىدىن 288 بېلەتكە،  كىشىدا فۇمىئو 79 بېلەتكە ۋە ئىشىبا شىگېرۇ 26 بېلەتكە ئېرىشتى.

ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى (LDP) نىڭ 47 ئۆلكە ۋەكىللىرىنىڭ ھەر بىرىگە 3 بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بېرىلگەن بولۇپ، جەمئىي 141 بېلەتتىن 89 بېلەتنى سۇگا يوشىھىدە، 42 بېلەتنى ئىشىبا شىگېرۇ ۋە  10 بېلەتنى كىشىدا فۇمىئو قولغا كەلتۈردى.

ئاۋام پالاتاسىدا 16 - سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پەۋقۇلئاددە يىغىندا سۇگا يوشىھىدەنىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر