فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلىرى قايتىدىن جانلاندى

فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر ئارىدىن 4 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يەنە نامايىشلىرىنى باشلىدى.

1489611
فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلىرى قايتىدىن جانلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت پارىژدىكى نامايىشتا 256  كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

فىرانسىيەدە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ پائالىيەتلىرى پارىژ كوچىلىرىنى قايتىدىن ھەرىكەتكە سالدى.

يۈزلىگەن نامايىشچى پارىژدىكى ۋاگرام مەيدانىغا يىغىلىپ، پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرونغا ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى، لوزۇنكىلارنى ئاچتى.

مەيداندا ۋە ئەتراپتىكى كوچىلاردا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز بەردى. ساقچىلار ھەر خىل ماددىلارنى ئاتقان نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن مۇداخىلە قىلدى.

بىر گۇرۇپپا نامايىشچى بورس مەيدانىدا نامايىش قىلدى.

پارىژ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، پايتەختتىكى نامايىشتا 256 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پايتەختتىكى نامايىش سەۋەبىدىن 30 غا يېقىن مېترو بېكىتى تاقالدى.

ستراسبۇرگ، لىئون، بوردوئاكس ۋە تۇلۇس قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر