يۇقۇمنىڭ دۇنيانىڭ بىر قىسىم دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار...

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 919799 دىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 28 مىليون 664 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 20 مىليون 587 مىڭدىن ئاشتى.

1489309
يۇقۇمنىڭ دۇنيانىڭ بىر قىسىم دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان دۆلەت بولغان ئامېرىكادا قازا قىلغانلار سانى 197421 گە يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6 مىليون 636 مىڭغا يەتتى.

بىرازىلىيەدە قازا قىلغانلار سانى 130396 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 43718 كىشىنى قوشقاندا 4 مىليون 282 مىڭغا؛ مېكسىكادا قازا قىلغانلار سانى 70183كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 658299 غا يەتتى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ كۆپ ئادەم قازا قىلغان دۆلىتى ئەنگلىيەدە قازا قىلغانلار سانى 41614كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 361677 گە؛ فىرانسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 30813 كە، يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 9843 كىشىنى قوشقاندا يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 353944 كە؛ ئىسپانىيەدە قازا قىلغانلار سانى 29747 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇم بايقالغان 12183 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 566326 گە؛ پۇرتۇگالىيەدە قازا قىلغانلار سانى 1855 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 62813 كە يەتتى.

ئاۋسترالىيەدە بولسا، قازا قىلغانلار سانى 803 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 26606 گە يەتتى.

ھىندىستاندا يەنە 1201 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 77472 گە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇم بايقالغان 97570 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4 مىليون 659984 كە؛ ئىراقتا قازا قىلغانلار سانى 7881 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 282672 گە؛ ماراكەشتە قازا قىلغانلار سانى 1524 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 82197 گە؛ تۇنىستا قازا قىلغانلار سانى 103 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6259 غا؛ ئىيوردانىيەدە قازا قىلغانلار سانى 20 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2945 كە يەتتى.

رۇسىيەدە بولسا، قازا قىلغانلار سانى 18484 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1 مىليون 57 مىڭغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر