پەلەستىن بەھرەيىندىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى

پەلەستىن ھۆكۈمىتى، بەھرەيىن – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مانامادىكى ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى.

1489292
پەلەستىن بەھرەيىندىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكىنىڭ، بەھرەيىننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا قارشى تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە سۆزلىشىش ئۈچۈن مانامادىكى ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كېيىن، يەنە بىر پارس قولتۇقى دۆلىتى بولغان بەھرەيىننىڭمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى، بەھرەيىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە «پەلەستىن دەۋاسىغا ئۇرۇلغان ئىككىنچى بىر خائىنلارچە پىچاق» دەپ باھا بەرگەنىدى.

بەھرەيىن، مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان تۆتىنچى ئەرەب دۆلىتى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر