بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەلەبنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەبنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1488921
بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەلەبنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاگېنتلىقى (SANA) نىڭ خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ ئەتراپىدىكى نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىمىز تەرىپىدىن راكېتامىيوتلارنىڭ كۆپىنچىسى پاچاقلاپ تاشلاندى.»

خەۋەردە، ئۆلۈم ۋە ماددىي زىيان ھادىسىسى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا سۈرىيە ئارمىيەسىدىن سىرت يەنە، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار، بولۇپمۇ لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ ئۇنسۇرلىرىنىڭ بارلىقى بىلىنمەكتە.

ئىسرائىلىيە، ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011 – يىلىدىن بۇيان، سۈرىيەدە پات – پات ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلار ۋە بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئائىت نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر