ياپونىيە: خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتىمىز

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى موتېگى تپشىمىتسۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1488318
ياپونىيە: خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موتېگى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 53 – نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا، بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزدىكى مەۋجۇت ھالەتنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئۆزگەرتىشكە قارىتا ئۇرۇنۇشلىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا. خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋتىمىز. دەرۋەقە، خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرى رايوندىكى سۈركىلىشنى بارغانسېرى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتمەكتە. خىتاي، رايوندا سۈركىلىشنى پەسەيتىش چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ھەرىكەت كودلىرىغا رىئايە قىلىشى، ھەمدە ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماسلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.»

شىمالىي كورېيە مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، ئامېرىكا – شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر – ئالاقىنىڭ قويۇقلاشتۇرۇلۇشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارلىرىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلنىشى لازىملىقىنى قەيت  قىلغان موتېگى، خوڭكوڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى، مۇقىملىق ۋە دېموكراتىيەنىڭ «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» رامكىسى ئاستىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى كونو تارو، ئىستىراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقاتلار مەكىزىدە چاقىرىلغان  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدىن ئېھتىيات قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مەن دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى ئېيتىشىم كېرەككى، خىتاي ياپونىيە ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەھدىتىدۇر. چۈنكى، خىتاينىڭ ئىقتىدارىمۇ بار، مەلۇم پىلانلىرىمۇ بار.»

ئامېرىكا – ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى توغرىلىقمۇ توختالغان كونو، تەھدىتلەرگە قارشى دۆلىتىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز ئۇنداق قىلمىساق، بىز يەنە بىر جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا دۇچ كېلىمىز. خىتاي بۇ جايلاردا زېمىن تەلەپ قىلغاندا، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللانمىدى. بۇنداق ئەھۋال دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر