ھافتەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە تۆتىنچى قېتىم خىلاپلىق قىلدى

لىۋىيە ئارمىيىسى، ئىسيانچى ئەسكەر ھافتەرگە قاراشلىق خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ سىرتەدە ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە تۆتىنچى قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1486867
ھافتەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە تۆتىنچى قېتىم خىلاپلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئارمىيىسى باياناتچىسى مۇھەممەد قۇنۇنۇ تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «قەھرىمان ئارمىيەمىز رىئايە قىلىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە - ئالدىن مۆلچەرلەنگىنىدەك - ھافتەر كۈچلىرى تەرىپىدىن تۆتىنچى قېتىم خىلاپلىق قىلىندى» دېيىلدى.

قۇنۇنۇ تېررورچى ھافتەر كۈچلىرىنىڭ سىرتەنىڭ غەربىدىكى قىسىملارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«بىزنىڭ قىسىملىرىمىز تولۇق سەپەرۋەرلىك ھالىتىدە تۇرماقتا» دېگەن قۇنۇنۇ، لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز سەرراجنىڭ مۇۋاپىق دەپ قارالغان پەيتتە قايتۇرما زەبە بېرىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر