ۋېنېزۇئېلا كوچىلىرىنى نېفت باستى
ۋېنېزۇئېلانىڭ بەزى رايونلىرىدىكى كەلكۈنلەرنىڭ نېفىتلىكلەرگە زىيان سېلىشى سەۋەبىدىن، سۇغا ئارىلاشقان نېفىت كوچىلارنى تولدۇردى.
1485581
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلانىڭ سىمون بولىۋار رايونىدىكى يەرلىك نېفىتلىكنى سۇ بېسىپ كەتتى.
كابىماس ناھىيەسىدىكى نېفىت تۇرۇبىلىرىمۇ كەلكۈن سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىدى.
كوچىلار ۋە بەزى ئۆيلەر سۇ ئارىلاش نېفت بىلەن تولدى.
نۇرغۇن ئائىلىلەر ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى، بەزى رايونلاردا توك ئۈزۈلۈپ قالدى.