ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىسرائىلىيەدە ئەلچىخانا ئېچىشقا تەييارلانماقتا

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 3 ئايدىن 5 ئايغىچە بولغان جەرياندا ئىسرائىلىيەدە ئەلچىخانا ئاچىدىكەن.

1485325
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىسرائىلىيەدە ئەلچىخانا ئېچىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىبرانىيچە نەشر قىلىنىدىغان «ئىسرائىل خايوم» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 3 - 5 ئاي ئىچىدە ئىسرائىلىيەدە ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ۋىزا ئالالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەزكۇر تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى يەنە، ئەلچىخانىدىن باشقا ھايفا ياكى ناسىرەدە كونسۇلخانا ئېچىش ئۈچۈنمۇ تەييارلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمەلدارى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنى تىنچلىقنىڭ مۇھىم ھەمراھى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.

مەزكۇر ئەمەلدار، ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەدە ئاچىدىغان كونسۇلخانىسىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگىمۇ ئېچىۋېتىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ناسىرە شەھىرى كونسۇلخانا ئېچىش ئۈچۈن ئالدىنقى كاندىداتىمىز، پات يېقىندا دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىمىزنىڭ قانداق ۋە قاچان ئېچىلىدىغانلىقىغا قارار قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر