دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋاكسىنا ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، كوۋىد – 19 غا قارشى كۆپ ساندا ئۈمىد بېغىشلىغۇچى ۋاكسىنا نامزاتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1485330
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋاكسىنا ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، كوۋىد – 19 غا قارشى كۆپ ساندا ئۈمىد بېغىشلىغۇچى ۋاكسىنا نامزاتلىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ پەقەت «ئۈنۈملۈك» ۋە «بىخەتەر» دەپ قارالغاندىلا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گېبرېيۇس. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «ۋاكسىنىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دىن كىشىلەرنىڭ قايمۇقۇپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋاكسىنا تەتقىقاتى ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئازايغانلىقىنى بايان قىلغان گېبرېيۇس، چېچەك چىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭمۇ ۋاكسىنا ئارقىلىق يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىنىڭمۇ ۋاكسىنالاش نەتىجىسىدە توختىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان گېبرېيۇس، «كوۋىد – 19 غا قارشى كۆپ ساندا ئۈمىد بېغىشلىغۇچى ۋاكسىنا نامزاتلىرىمىز بار. بۇلار پەقەت «ئۈنۈملۈك» ۋە «بىخەتەر» ئىكەنلىكى دەلىللەنگەندىلا ئىشلىتىلىدۇ، دۇنياغا كاپالەتلىك بەرمەكچى بولغىنىم بۇ» دېدى.

دۆلەتلەرنى «ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان گېبرېيۇس ، «ۋاكسىنىنى دۇنيا جامائەت مەنپەئەتى سۈپىتىدە ئىشلىتىش ھەر بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى يۇقۇمنى قىسقارتمايدۇ، بەلكى ئۇزارتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گېبرېيۇس سۆزلىرىنى «مەن شۇنى تەكرارلايمەنكى، مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە يەرشارىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن بىز بۇ يۇقۇمنى يوقىتالايمىز ۋە يوقىتىمىز» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر