ئافغانىستاندىكى ئىككى ئايرىم بومبا ھۇجۇمىدا 9 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى
ئافغانىستاننىڭ سارى-پۇل ۋە نانگارھار ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىلىرىدا 9 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.
1484307
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سارى-پۇل ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى زابىھۇللاھ ئامانى مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، سانچاراق رايونىنىڭ گاچۋاي يېزىسىدا بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتىلاپ، 6 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامانى ھۇجۇمدا يەنە 2 پۇقرانىڭمۇ يارىلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نانگارھار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتاۋۇللا خوگيانىمۇ پاچىراگام ناھىيەسىدە يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پۇقرالار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقان پەيتتە پارتىلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خوگيانى ھۇجۇمدا 3 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 1 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.