ھەسەل ھەرىسى زەھىرىنىڭ سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىسىنى يوقىتىدىغانلىقى بايقالدى

ھەسەل ھەرىسى زەھىرىنىڭ تەجرىبىخانا مۇھىتىدا تارقىلىشچان سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىسىنى يوقىتىدىغانلىقى بايقالدى.

1483993
ھەسەل ھەرىسى زەھىرىنىڭ سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىسىنى يوقىتىدىغانلىقى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيەدىكى خاررىي پېركىنس تېببىي تەتقىقات ئورنى ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسى « Nature PrecisionOncology (تەبىئەت ئۆسمە كېسەللىكلىرى)» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

تەتقىقات دائىرىسىدە 300  دىن ئارتۇق ھەسەل ۋە ياۋا ھەرە زەھىرى سىناق قىلىندى. ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى «مېلىتىن» بولغان زەھىرىنىڭ تەجرىبىخانىدا بىر سائەت ئىچىدە تارقىلىشچان سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا ھۈجەيرىلەرگە ناھايىتى ئاز مىقداردا زىيان سالىدىغانلىقى بايقالدى.

ئالىملار، ئەگەر مىقدار كۆپەيسە ، زەھەرلەش نىبىستىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە، سۈنئىي شەكىلدە بىرىكتۈرگىلى بولىدىغان مېلىتىننىڭ ئۆز ئالدىغا راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بايقىدى.

بۇ بايقاش كىشىنى ھاياجانلاندۇرسىمۇ، ئالىملار بۇ تېمىدا تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئىلگىرى ھەرە زەھىرىنىڭ مېلانوما قاتارلىق باشقا جانلىقلارنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش تەركىبلىرىنىڭ بارلىقى بايقالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر