ئەنگلىيە ساقچىلىرى تۈنۈگۈن لوندوندا ئاز دېگەندە 90 نامايىشچىنى نازارەتكە ئالدى
ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا «Extinction Rebellion» ناملىق مۇھىت ئاسراش گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن نامايىشتا ئاز دېگەندە 90 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى «Extinction Rebellion» نىڭ ترافالگار مەيدانىدا باشلىنىپ، پارلامېنت مەيدانىدا داۋاملاشقان نامايىشى تۈنۈگۈنكى تۇنجى كۈنىدە، ساقچىلار پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى يولنى قانتاشتىن توسۇپ قويغان بىر تۈركۈم نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلدى.
ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماستىن، يولنى ئېچىشنى رەت قىلغان نەچچە ئونلىغان نامايىشچى نازارەتكە ئېلىندى.
لوندون ساقچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «بىر جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمىغا ھۇجۇم قىلىش، ساقچىلارنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش ۋە جەمئىيەت تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن سائەت 18:00 گىچە 90 كىشى نازارەتكە ئېلىندى » دېيىلدى.
«Extinction Rebellion» ناملىق مۇھىت ئاسراش گۇرۇپپىسى نامايىشلىرىنى 10كۈن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.