بەزى شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 855 مىڭ 352 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 25 مىليون 662 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 17 مىليون 962 مىڭغا يەتتى.

1482908
بەزى شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 819 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 65 مىڭ 288 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3 مىليون 691 مىڭ 167 گە يەتتى.

ئىراندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 101 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 21 مىڭ 672 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 376 مىڭ 894 كە يەتتى.

رۇسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 123 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 17 مىڭ 299 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

خىتايدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە چوڭ قۇرۇقلۇقتا 10، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 9؛ جەنۇبىي كورېيەدە 235  كىشى «ۋۇخەن ۋىرۇسى»  بىلەن يۇقۇملانغاندى.

مولداۋىيەدە 995 كىشى قازا قىلدى، 36 مىڭ 920 كىشى يۇقۇملاندى.

بېلارۇسىيەدە 681 كىشى قازا قىلدى، 71 مىڭ 843 كىشى يۇقۇملاندى.

ئۆزبېكىستاندا 319 كىشى قازا قىلدى، 41 مىڭ 787 كىشى يۇقۇملاندى.

534 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزەربەيجاندا، 36 مىڭ 435 كىشى يۇقۇملاندى.

تاجىكىستاندا 68 كىشى قازا قىلدى، 8 مىڭ 583 كىشى يۇقۇملاندى.

ھىندونېزىيەدە 7 مىڭ 417 كىشى قازا قىلدى، 174 مىڭ 796 كىشى يۇقۇملاندى. ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو، خىتاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئالىدىغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنى يانۋار ئېيىدا ئىشلىتىشكە باشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

نىگېرىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 1013 كىشى قازا قىلدى. يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 143 كىشى كۆپىيىپ، 54 مىڭ 8 گە يەتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ قامىلى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى. غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 257 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

پۈتكۈل ئافرىقا قىتئەسىدە، ېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 226 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى  29 مىڭ 862 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون، 257 مىڭ 167 گە يەتتى.

قىتئە بويىچە ھازىرغىچە ئەڭ  كۆپ ئۆلۈم نسبىتى، 14 مىڭ 149 كىشى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقادا، 5 مىڭ 421 كىشى بىلەن مىسىردا ۋە 1510 كىشى بىلەن ئالجىرىيەدە كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر