بەزى شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 854 مىڭ 775 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 25 مىليون 638 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 17 مىليون 943 مىڭغا يەتتى.

1482664
بەزى شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 819 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 65 مىڭ 288 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3 مىليون 691 مىڭ 167 گە يەتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ قامىلى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى. غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 257 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

پۈتكۈل ئافرىقا قىتئەسىدە، ېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 226 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى  29 مىڭ 862 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون، 257 مىڭ 167 گە يەتتى.

قىتئە بويىچە ھازىرغىچە ئەڭ  كۆپ ئۆلۈم نسبىتى، 14 مىڭ 149 كىشى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقادا، 5 مىڭ 421 كىشى بىلەن مىسىردا ۋە 1510 كىشى بىلەن ئالجىرىيەدە كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر