ترامپ: راھىب برۇنسون ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن مىننەتدارمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكالىق راھىب ئاندرېۋ كرەيگ برۇنسوننىڭ قويۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1478891
ترامپ: راھىب برۇنسون ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن مىننەتدارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاقسارايدا ئىلگىرى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە تۇتقۇن ياكى گۆرۈ ھالىتىدىكى 6 ئامېرىكا پۇقراسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

تەخمىنەن 50 دۆلەتتىكى تۇتقۇن ياكى گۆرۈ ھالىتىدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن ترامپنىڭ مېھمانلىرى ئارىسىدا، ئىزمىردە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى نامىدىن جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ۋە جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سوتلانغان، «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 3 يىل 1 ئاي 15 كۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  ئامېرىكالىق راھىب ئاندرېۋ كرەيگ برۇنسونمۇ بار ئىدى.

«شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ناھايىتى ياخشى بىر رەھبەردۇر» دېگەن ترامپ، برۇنسوننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەردوغان بىلەن بىرقانچە قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، پۈتۈشتۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئەردوغان ھەم تۈركىيە خەلقى ھەمدە تۈركىيەدىن مىننەتدارمىز. مېنىڭچە، ئى برۇنسون! سەنمۇ مىننەتدارسىن، ئەلۋەتتە.»

برۇنسون بۇنىڭغا ئاساسەن، «تۈركىيە خەلقىنى سۆيىمىز» دېدى ھەمدە قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن پىرېزىدېنت ترامپقا رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر