ياپونىيەدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى كۆپىيىپ كەتتى

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 170 كە يەتتى.

1478099
ياپونىيەدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى كۆپىيىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكيو  ۋالىي مەھكىمىسى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئاممىۋى ساغلاملىق بىيۇروسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن يېقىنقى 9 كۈن ئىچىدە 60 ياشتىن 90 ياشقىچە بولغان يەنە 22 ئادەم قازا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 170 كە يەتكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە،  دائىملىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە دائىم سۇ ئىشلىتىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلغان توكيودا، ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 32 دىن 37 گرادۇسقىچە بولماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر