گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھېيكو مائاس  ئەتە (25 – ئاۋغۇست) تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

1478102
گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن گېرمانىيە تاشقى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھېيكو مائاسنىڭ ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى مىنىستىرنىڭ ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر