سۈرىيەدە رۇس گېنېرال مايور ئۆلدى
سۈرىيەدە پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە رۇس گېنېرال مايور ئۆلدى، ئىككى ھەربىي مۇتەخەسسىس يارىلاندى.
1475520
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رۇس ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى سۈرىيەنىڭ دىرئەززۇر ۋىلايىتىدىن قايتىۋاتقاندا يول چېتىگە كۆمۈپ قويۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىغانلىقى، پارتلاش سەۋەبىدىن 3 ھەربىي مۇتەخەسسىسنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «پارتلاشتا ئېغىر يارىلانغان گېنېرال مايور ئۇنۋانىغا ئىگە بىر ھەربىي مۇتەخەسسىس ھاياتىدىن ئايرىلدى.»