دۇنيادا يۇقۇملانغانلار 22 مىليون 300 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 784 مىڭ 805 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 22 مىليون 327 مىڭ 50 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 15 مىليون 66 مىڭ 760 تىن ئاشتى.

1475561
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار 22 مىليون 300 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 175 مىڭ 92 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 5 مىليون 656 مىڭ 204 كە چىقتى.

لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدە ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 110 مىڭ 19 غا چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 411 مىڭغا چىقتى.

مېكسىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 57 مىڭ 774 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 531 مىڭ 239 غا چىقتى.

ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 41 مىڭ 381 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 320 مىڭ 286 گە چىقتى.

گېرمانىيەدە بولسا، 9 مىڭ 305 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 228 مىڭ 105 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 30 مىڭ 451 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان فىرانسىيەدە، يۇقۇملانغانلار سانى 221 مىڭ 267 گە چىقتى.

بېلگىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 9 مىڭ 959 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 78 مىڭ 897 گە چىقتى. دۆلەت ئىچىدە ۋىرۇسقا قارشى يولغا قويۇلغان قاتتىق تەدبىرلەر نەتىجىسىدە، يۇقۇمدا تۆۋەنلەش كۆرۈلمەكتە.

ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بېلگىيەنىڭ ساياھەت چەكلىمىلىرى دائىرىسىدە «قىزىل رايون» دەپ بېكىتىلگەن دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر سالامەتلىكىنى تەكشۈرتمىگەن ئەھۋلدا 4 مىڭ ياۋروغىچە جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۇنيادا ۋابانىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۈچىنچى دۆلەت بولغان ھىندىستاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 53 مىڭ 26 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 768 مىڭ 670 كە چىقتى.

رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 15 مىڭ 989 غا چىقتى. ۋىرۇس بايقالغانلار كىشىلەر سانى 937 مىڭ 321 گە چىقتى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 20 مىڭ 125 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 350 مىڭ 279 غا چىقتى.

ئىراقتا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 82 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 4 مىڭ 576 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 6 مىڭ 36 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى بولسا 184 مىڭ 709 غا چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 6 مىڭ 201 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان پاكىستاندا، دورا تەرتىپكە سېلىش ئىدارىسى خىتاي دورا شىركىتى «سەنسىنو» تەرىپىدىن ياسالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسېناسىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىناقلىرىنى ئىنسانلار ئۈستىدە قىلىشىنى تەستىقلىدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 105 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان لىۋاندا، ۋابا تەدبىرلىرى رامكىسىدا جۈمە (2020-يىلى 21-ئاۋغۇست) كۈنىدىن باشلاپ قىسمەن كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 415 كىشى ئېشىپ 26 مىڭ 357 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 8 مىڭ 674 كىشى ئېشىپ 1 مىليون 140 مىڭغا چىقتى.

بۈگۈنگىچە ئافرىقا قىتئەسىدە جەنۇبىي ئافرىقا 12 مىڭ 264 ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، 5 مىڭ 184 ئۆلۈم سانى بىلەن مىسىر ئىككىنچى ئورۇندا ۋە 1 مىڭ 391 ئۆلۈم سانى بىلەن ئالجىرىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.

يېقىنقى 24 سائەتتە خىتايدا 17 يېڭى يۇقۇم، جەنۇبىي كورېيەدە 297 يۇقۇم بايقالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر