ياۋروپا ئىتتىپاقى بېلارۇسىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى 19-ئاۋغۇست (2020) ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا بېلارۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

1474351
ياۋروپا ئىتتىپاقى بېلارۇسىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل (Charles Michel) تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا، بېلارۇسىيە خەلقىنىڭ ئەركىن ھالدا ئۆزىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلاش ۋە كېلەچىكىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «چارشەنبە كۈنى بېلارۇسىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتپاقى رەھبەرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزىمىز» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى بارېند لېيتس (Barend Leyts) يىغىننىڭ ۋىدېئو كونفېرانس شەكلىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، بېلارۇسىيەدىكى سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ پارتلىغان نامايىشلاردا قىلىنغان زوراۋانلىقلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە زوراۋانلىق ۋە بېسىم قىلىشتا، سايلام نەتىجىلىرىنى ئۆزگەرتىشتە جاۋابكارلىقى  بار كىشىلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بېلارۇسىيەدە 9-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ رەسمىي بولمىغان نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، ھازىرقى پىرېزىدېنت ئالېكساندىر لۇكاشېنكونىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نارازىلىق نامايىشلىرى پارتلىغان ئىدى.

سايلام كېچىسىدىن تارتىپ باشلانغان ۋە توختاۋىسىز داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا، بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، يۈزلەرچە كىشى يارىلاندى ۋە تەخمىنەن 6 مىڭ كىشى تۇتۇلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۇتۇلغانلاردىن 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇشى نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئۆكتىچىلەر «ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، سايلام نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ۋە سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر