خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان قورال – ياراغ ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1473367
خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پومپېيو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋەزىپىسى بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۈگۈن ئەڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىدى. دەرۋەقە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېررورىزمنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان بىر دۆلەتكە، ئۇدا 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھېچبىر چەكلىمىسى بولماستىن ئادەتتىكى قوراللارنى سېتىۋېلىش ۋە سېتىش يولىنى ئېچىپ بەردى.  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش مەسىلىسىدە قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتەلمەسلىكىنى كۈچۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئوتتۇرا شەرقتە ئىراننىڭ ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن خەۋپ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىرانغا قورال – ياراغ ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلدى. دەرۋەقە، بۇ دۆلەتلەر قورال – ياراغ ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلمىغان تەقدىردە، ئىراننىڭ تېخىمۇ كۆپ قالايمىقانچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، لېكىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇنى كۆرمەسكە سېلىش يوللىنى تاللىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رايوندىكى دوستلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرماسلىقىغا ھېچقاچان قاراپ ئولتۇرمايدۇ. مۇشتۇمزور تېررورىزم ھۆكۈمىتىنىڭ، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا رايونلارغا تەھدىت سالىدىغان شەكىلدە قورال – ياراغ سېتىۋېلىش ئەركىنلىكى بولماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر