سىسى ھۆكۈمىتىنىڭ گىرېتسىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى مىسىر خەلقىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى

ئۆز دۆلىتىنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان مىسىر ئۆكتىچىلىرى گىرېتسىيە بىلەن مىسىر ئىمزالىغان ئاتالمىش ​​دېڭىز تەۋەلىكى ھەق - ھوقۇقىنى چەكلىك ھالغا كەلتۈرۈش كېلىشىمىنىڭ پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1470086
سىسى ھۆكۈمىتىنىڭ گىرېتسىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى مىسىر خەلقىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى تارىق ئەز زۇمۇر ۋە دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى ئۇسامە رۇشدى قاتارلىق مىسىر ئۆكتىچىلىرى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، گىرېتسىيە بىلەن ئىمزالانغان ئاتالمىش​​ دېڭىز تەۋەلىكى ھەق - ھوقۇقىنى چەكلىك ھالغا كەلتۈرۈش كېلىشىمىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

مىسىرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى، تارىخى ھوقۇقى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى قوغداش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، مىسىر ھاكىمىيىتىنىڭ «بۇ كېلىشىملەر خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان قانۇنىغا ماس كېلىدۇ» دېگەن سۆزىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ۋە مەنتىقىسىز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «گىرېتسىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز كېلىشىمى ھېچقانداق ئىناۋەتكە ئىگە ئەمەس. دېڭىز تەۋەلىكى ھەق - ھوقۇقىنى چەكلىك ھالغا كەلتۈرۈش كېلىشىمى مىسىرنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدىن، نەچچە يۈز مىليارد دوللاردىن ۋە تەبىئىي بايلىقلاردىن ۋاز كېچىش بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كەلگۈسىدە باشقا رايونلاردىكى تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتىنىمۇ يوقاتقانلىق بولىدۇ» دېيىلدى.

مىسىر بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاتالمىش ​«دېڭىز تەۋەلىكى ھەق - ھوقۇقىنى چەكلىك ھالغا كەلتۈرۈش كېلىشىمى » 6 - ئاۋغۇستتا قاھىرەدە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىخ شۈكرى ۋە گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىياس تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاتالمىش ​​كېلىشىمنىڭ، ھەم تۈركىيە، ھەم لىۋىيەنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەق - ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر