مارك ئېسپېر: ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 5000 دىن تۆۋەنلىتىلىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر نويابىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سانىنىڭ 5000 دىنمۇ تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېسپېر فوكىس خەۋەرلىرى تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، بۇ پىلان ھەققىدە بەشبۇرجەكلىك بىنا مەسئۇللىرىنىڭ پالاتاغا مەلۇمات بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چىققاندا ئۆزىگە قارىتا ھېچقانداق تېررورلۇق تەھدىتى يوقلۇقىنى كاپالەتلەتكە ئىگە قىلىشى لازىم» دېدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 4 - ئاۋغۇست ئاكسىىيوسقا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چېكىنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، پات - يېقىندا ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنىڭ 8 مىڭغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ترامپ: «ئەسكەرلىرىمىزنىڭ چېكىنىشىگە ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. سايلام كۈنىگە قەدەر، ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانى 4 مىڭدىن 5 مىڭغىچە تۆۋەنلەيدۇ» دېگەن ئەمما چېكىنىش جەريانى توغرىسىدا ئېنىق ۋاقىت بېرىشتىن ئۆزىنى تارتقان ئىدى.