دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 19 مىليوونغا يېقىنلاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 711876 تىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 19 مىليون 6000 دىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 12 مىليون 193 مىڭدىن ھالقىدى.

1468100
دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 19 مىليوونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 904 نەپەر يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 40772 گە، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1 مىليون 967700 مىڭغا يەتتى. دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان گۇجېرات ئۆلكىسىدە يۇقۇملانغۇچىلار داۋالىنىۋاتقان بىر دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 8 ئادەم قازا قىلدى.

رۇسىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 14606 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 871894 كە؛ ئىراندا قازا قىلغانلار سانى 17802 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 317483 كە يەتتى.

بۇنىڭدىن باشقا ھازىرغىچە قازا قىلغانلار سانى پاكىستاندا 6035 كە، ھىندونېزىيەدە 5452 گە، ئىراقتا 5094 كە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا 3020 گە يەتتى.

ئافرىقا قىتئەسى مىقياسىدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 21679 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 997350 كە يەتتى. كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ ئادەم قازا قىلغان ئافرىقا دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقا بولۇپ، قازا قىلغانلار سانى 9298 گە يەتتى؛ ئۇنڭىدىن قالسا، مسىىردا 4930، ئالجىرىيەدە 1261 كىشى قازا قىلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە خىتايدا 37، جەنۇبىي كورېيەدە 43 كىشى يۇقۇم بايقالغانلىقى دوكلات قىلىندى.


خەتكۈچ: #يۇقۇم , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر