خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكە ۋە شەھەرلەر تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى بىلەن بوغۇشماقتا

خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن خاگۇپىت تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن 381 مىڭ 375 كىشى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.

1466882
خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكە ۋە شەھەرلەر تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى بىلەن بوغۇشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شەرقىدىكى جىجىياڭ ۋە فۇجىيەن ئۆلكىلىرى بىلەن شاڭخەي شەھىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن خاگۇپىت تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى سېرىقتىن ئىككىنچى يۇقىرى  دەرىجىلىك سېگنال ئاپېلسىنغا كۆتۈرۈلگەن.

سۈرئىتى سائىتىگە 90 كىلومىتىردىن ئاشقان ۋە شىددەتلىك يامغۇرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن جىجىياڭدا 381 مىڭ 375 كىشى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا  يەنە فۇجىيەندە پويىز قاتنىشى ۋە قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى توختىتىلغان. بېلىقچىلىق كېمىلىرى قىرغاققا تارتىلغان.

تەيفېڭ بورىنىنىڭ بۈگۈن شاڭخەيدە شىددەتلىك يامغۇرغا سەۋەب بولىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر