ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى: 4 رېئاكتوردىن بىرى پائالىيەتكە ئۆتتى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ياسالغان 4 يادرو رېئاكتوردىن بىرىنىڭ پائالىيەتكە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

1466035
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى: 4 رېئاكتوردىن بىرى پائالىيەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن دۆلەت باشلىقى، باش مىنىستىر ۋە دۇبەي ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن راشىد ئەلمەكتۇم، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئەترەتلىرىمىز ماي قاچىلاش ۋە كەڭ دائىرىلىك سىناقتىن كېيىن مەشغۇلاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. نىشانىمىز، رېئاكتورلارنىڭ ھەممىسىنى پائالىيەتكە ئۆتكۈزۈشتۇر. بۇ ئارقىلىق دۆلەتتىكى ئېلېكتىر ئېھتىياجىنىڭ % 25 تىنى قامدىغىلى بولىدۇ.»

«بەرەكە» رېئاكتورىنىڭ پائالىيەتكە ئۆتۈشى بىلەن، 9 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىدىغان تۇنجى ئەرەب دۆلىتى بولدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2023 – يىلغىچە «بەرەكە» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 رېئاكتورنىڭ ساھىبى بولۇشنى پىلانلىماقتا. رېئاكتورلارنىڭ ئومۇمىي چىقىمىنىڭ 25 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر