ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىسرائىلىيەدە مىڭلارچە كىشى ھۆكۈمەتنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشنى ياخشى باشقۇرمىغانلىقى سەۋەبلىك ۋە ئۈستىدىن چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ سوت ئېچىلغان باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1465727
ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ھارېتز› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇددۇس ۋە تېل ئاۋىۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنىڭ 260 نۇقتىسىدا، بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى تەلىپى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلار تۈنۈگۈنمۇ داۋاملاشقان.

ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى (كان) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇددۇستا مىڭلارچە كىشى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەدە ئۇدا ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى تەلەپ قىلىنىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر