ئامېرىكا بەششەر ئەسەدنىڭ ئوغلى قاتارلىقشەخسلەرنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «قەيسەر سۈرىيە خەلقىنى قوغداش قانۇنى» دائىرىسىدە بەششەر ئەسەدنىڭ ئوغلى ھافىز ئەسەدنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى سۈرىيەلىكلەرنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى.

1464247
ئامېرىكا بەششەر ئەسەدنىڭ ئوغلى قاتارلىقشەخسلەرنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «قەيسەر سۈرىيە خەلقىنى قوغداش قانۇنى» دائىرىسىدە تۇنجى ئېمبارگو قارارىنى ئالدىنقى ئايدا چىقارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن خەزىنە ئىشلىرى مىىستىرلىقلىرى، < قەيسەر سۈرىيە خەلقىنى قوغداش قانۇنى> دائىرىسىدە چىقارغان يېڭى 14 ئېمبارگو قارارى ئارقىلىق بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 2011  - ۋە 2019 – يىللىرى خەلققە سالغان زۇلۇم – سىتەملىرىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن، يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى، مەزكۇر جىنايەتلەر سادىر قىلىنغان رايونلارنىڭ «ھاما ۋە مائارراتۇننۇمان» ئىسمى بىلەن ئاتىدۇق. بەششەر ئەسەد كۈچلىرى ۋەھشىيلىك، زۇلۇم - سىتەم ۋە چىرىكلىكنىڭ سىمۋۇلىغا ئايلىنىپ قالدى، يۈز مىڭلارچە ئىنساننى ئۆلتۈردى، تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگۈچىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، تەن جازاسى بەردى، مەكتەپلەرنى، دوختۇرخانىلارنى ۋە بازارلارنى ئىنساننىڭ ھاياتىغا ئەھمىيەت بەرمەستىن يوق قىلدى.»

ئۇ، ئېمبارگو قارارلىرى دائىرىسىدە گېنېرال زۇھەير ئەسەد ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كېرەم ئەسەدتىن سىرت يەنە، بەششەر ئەسەدنىڭ ئوغلى ھافىز ئەسەد، سۈرىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق  1 - كورپۇسنىمۇ تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «زۇلۇم - سىتەم قۇربانلىرىنى داۋاملىق خاتىرىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەششەر ئەسەد ۋە ھۆكۈمىتىدىن زۇلۇم – سىتەملىرى تۈپەيلى ھېساب سوراشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بەششەر ئەسەدنىڭ كېرەكسىز ۋە ۋەھشىيانە ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»

پومپېيو، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن، سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، 17 – ئىيۇن كۈنىمۇ، «قەيسەر سۈرىيە خەلقىنى قوغداش قانۇنى» دائىرىسىدە، بەششەر ئەسەد ۋە رەپىقىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك 39 ئەمەلدار ھەم ئورۇننى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر