ئىران ھەلەبنىڭ غەربىگە 300 تېررورچى يوللىدى

ئىران قوللاۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىدلىبتىكى جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونىدا بەششار ئەسەد قىسىملىرىغا ياردەم بېرىىش ئۈچۈن 300 تېررورچى ئەۋەتتى.

1464141
ئىران ھەلەبنىڭ غەربىگە 300 تېررورچى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانلىقىدىكى (ئىران قوللاۋاتقان) تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى، ئەسەد قىسىملىرى توپلانغان ئىدلىبتىكى جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسىدىكى ھەلەبنىڭ غەربىگە  ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى يوللىغان.

دەيرىزور ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەلبۇكامال ناھىيەسىدىن كېچىدە يولغا چىققان ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىدە، ئىران قوللاۋاتقان تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا تەۋە 300 دەك تېررورچىدىن باشقا يەنە، برونېۋىك ھەربىي ئاپتوموبىللار،  4x4  تىپلىق ئاپتوموبىللار، ئېغىر ۋە يېنىك تىپتىكى قوراللار ئورۇن ئالغان.

بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئىدلىب جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونىغا  ئەسكەر توپلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر