ئىراندا پارتلاش يۈز بەردى
ئىراننىڭ غەربىدىكى كىرمانشاھ ئۆلكىسىدە بىر ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا نېفىت ئاپتوموبىلىلىرى پارتلىدى.
1463177
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دا دۆۋلەتئاباد رايونىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىكى 6 نېفىت ئاپتوموبىلى پارتلىغان.
پارتلاش نەتىجىسىدە نېفىت ئاپتوموبىللىرىغا ئوت كەتكەن، ئارقىدىنلا، كىرمانشاھ شەھىرىنى ئىس- تۈتەك قاپلاپ كەتكەن.
پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، 23 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.