موسكۋا: ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئايروپىلانى قارادېڭىز ئارقىلىق رۇسىيە چېگراسىغا يېقىنلاشتى

رۇسىيە، قارادېڭىز ئاسمىنىدا ئۇچۇۋاتقان ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنىڭ يولىنى توراش ئۈچۈن رايونغا سۇ-27 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1463180
موسكۋا: ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئايروپىلانى قارادېڭىز ئارقىلىق رۇسىيە چېگراسىغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، پ-8 پوسېئىدون تىپلىق ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنىڭ قارادېڭىز ئارقىلىق رۇسىيە چېگراسىغا يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ چېگرا تەۋەلىكىگە كىرمىگەنلىكى، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى يولغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەتكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ بازىسىغا قايتىپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بۇنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن بىر ئىش ئەمەسلىكى، 23 ۋە 24 – ئىيۇل كۈنلىرىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر