يەمەندىكى كەلكۈندە 13 كىشى قازا قىلدى
يەمەننىڭ غەربىدىكى خۇدەيدە ۋىلايىتىدە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈندە 13 كىشى قازا قىلدى.
1461966
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە جۈمە كۈنى باشلانغان شىددەتلىك يامغۇر خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
ئەز زەھرا، ئەل كاناۋىس ۋە ئەل-لۇخاييە قاتارلىق ناھىيەلەردە كەلكۈن سەۋەبىدىن 13 كىشى قازا قىلدى.
نۇرغۇن بىنالار ۋە تېرىلغۇ يەرلەر ۋەيران بولۇپ، ھايۋانلارمۇ ھالاك بولدى.