بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 648 مىڭ 477 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 16 مىليون 205 مىڭغا ۋە ساقايغانلارنىڭ سانى 10 مىليونغا يېقىنلاشتى.

1462056
بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار
argentina coronavirus.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 149 مىڭدىن ئېشىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 4 مىليون 315 مىڭغا يەتتى. ئامېرىكادىكى يۇقۇمنىڭ مەركىزى بولغان فلورىدا ئىشتاتىدىن قالسىلا نيۇ-يورك ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. فلورىدا سەھىيە خادىملىرى ئىشتاتتىكى يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 414 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. نيۇ-يورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇۋمو بولسا، ئىشتاتتىكى يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 411 مىڭ 200 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 40 مىليون نوپۇسقا ئىگە كالىفورنىيە ئىشتاتىدا سەھىيە تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 435 مىڭ يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئامېرىكا بويىچە ھازىر ئەڭ كۆپ يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن ئىشتاتقا ئايلانغان.

بىرازىلىيەدە ۋىرۇس بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 86 مىڭ 449 غا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 2 مىليون 394 مىڭ 513 قا يەتتى.

مېكسىكىدا 43 مىڭ 374 كىشى ۋىرۇستىن قازا قىلدى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 385 مىڭ 36 گە يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن 5 كىشى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 35 مىڭ 102 يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 12 مىڭ 442 گە يېتىپ،  ئالدىنقى كۈنى 275 يېڭى يۇقۇملانغۇچى رۇيخەتكە ئېلىندى. سەھىيە مىنىستىرى روبېرتو سپېرانزا فېسبۇك ھېسابىدا ئورتاقلاشقان ئۇچىرىدا، «دۇنيادىكى يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىدە ئېشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. (ئالدىنقى كۈنى) پەقەت 24 سائەت ئىچىدىلا 284 مىڭ 196 يۇقۇملانغۇچى قەيت قىلىندى. بىز خەلقئارانىڭ ناچارلىشىۋاتقان بۇ ئەھۋالىدا دۆلىتىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. بىز ئوخشاشلا بىر ئالەمدە ياشايمىز. بۇ ئۇرۇشنى پەقەت ئىتتىپاقلىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن يەڭگىلى بولىدۇ» دېدى.

ئىسپانىيەدە ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 28 مىڭ 432 گە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 272 مىڭ 421 گە يەتتى. سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئوخشاشمىغان سانلىق مەلۇماتلارنى بېرىۋاتقان كاتالونىيە ئاپتونومىيە رايونىدا بولسا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 493 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ۋە ئاراگون ئاپتونوم رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئېشىشى، ياۋروپانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدە ئەندىشە پەيدا قىلىشنى باشلىدى. فىرانسىيەدىن كېيىن، بېلگىيەمۇ پۇقرالىرىغا كاتالونىيەگە بارماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر