ئامېرىكا تاقىۋېتىلگەن خىتاي كونسۇلخانىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، خىتاينىڭ خوستوندىكى كونسۇلخانىسىنى «جاسۇسلۇق ۋە پىكىر مۈلۈكى ئوغرىلىقىنىڭ مەركىزى» گە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1461275
ئامېرىكا تاقىۋېتىلگەن خىتاي كونسۇلخانىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، كالىفورنىيەدىكى رىچارد نىكسون پىرېزىدېنتلىق كۇتۇپخانىسى ۋە مۇزېيىدا سۆز قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى «يىمىرىلگەن بىر ھاكىممۇتلەق ئىدىئولوگىيەنىڭ مەستانىسى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقانداق بىر يات دۈشمەندىنمۇ بەكرەك خىتاي خەلقىنىڭ سەمىمىي پىكىرلىرىدىن قورقىدۇ. ئامېرىكا خىتاي خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۇلارنى كۈچلەندۈرۈشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر پومپېيو خىتاي مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش قاراشقا ئىگە دۆلەتلەرگە خىتاب قىلىپ، «دۇنيانىڭ ئەركىن مىللەتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارشى تېخىمۇ يېڭى ۋە قەتئىي يوللارنى تۇتۇشىمىز كېرەك. بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشلىرى خەلقلىرىمىزگە ۋە باياشاتلىقىمىزغا تەھدىت سالماقتا» دېدى.

ئۇ، خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قەتئىي چارىلەرنى يولغا قويۇشقا باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «تېخىمۇ مۇشۇ ھەپتە خىتاينىڭ خوستوندىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىۋەتتۇق، چۈنكى ئۇ يەر جاسۇسلۇق ۋە پىكىر مۈلۈكى ئوغرىلىقى مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىمەكتە ئىدى» دېدى.

ئامېرىكا سەيشەنبە كۈنى كونسۇلخانا بىناسىنىڭ سىرتىدا ماتېرىياللارنىڭ كۆيدۈرۈلۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تېكساس ئىشتاتىنىڭ خوستون شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنى تاقىۋېتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاي ۋېبىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قارارنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورمال ئۆلچەملىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «بۇ قەدەم خىتاي ۋە ئامېرىكا خەلقى ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان كۆۋرۈكنىڭ يېقىلىشى دېگەنلىك بولىدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر