ئەرمېنىيەدە تۈركىيە ئەندىشىسى

ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زوھراب مىناتساكانيان تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا مۇداخىلە قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1460101
ئەرمېنىيەدە تۈركىيە ئەندىشىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ، فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، «بۇ توقۇنۇشقا، توغرىراقى، بۇ توقۇنۇشقا قارىتا تۈركىيەنىڭ مۇداخىلە قىلىشى مەسىلىسىدە ئەندىشىلىرىڭلار بارمۇ؟» تەرىقىسىدىكى سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز. ئەلۋەتتە بۇ بىر ئەندىشە مەسىلىسىدۇر.»

مىناتساكانيان، ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللاشنىڭ پۇختا ئاساسىنى تۇرغۇزۇشقا تىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى 12 – ئىيۇل كۈنى چېگرا لىنىيەسىنىڭ توۋۇز رايونىدا ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىنى توپقا تۇتۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتكەن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ھالدا چېكىنگەنىدى.

توقۇنۇشتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىدىن بىر  بىرىنچى لېيتېنانت بىلەن 4 ئەسكەر شېھىت بولغان، 4  ئەسكەر يارىلانغانىدى.

كېيىنكى كۈنلەردىمۇ داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىدىن مايور گېنېرال ھېشىموۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 ئەسكەر شېھىت بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر