مىسىر پارلامېنتى سىسىغا لىۋىيەگە ھەربىي مۇداخىلە قىلىش سالاھىيىتى بەردى

مىسىر پارلامېنتى، پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسىغا «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش سالاھىيىتىنىڭ بېرىلىشى»نى مەزمۇن قىلغان تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1458602
مىسىر پارلامېنتى سىسىغا لىۋىيەگە ھەربىي مۇداخىلە قىلىش سالاھىيىتى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى گېزىتلەردىن «جۇمھۇرىيەت»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارلامېنت باشلىقى ئەلى ئابدۇلال رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېپىق يىغىندا، پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسىغا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش سالاھىيىتى بېرىلگەن.

خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىردىن ھېچقانداق بىر تەلىپىنىڭ بولماسلىقىغا قارىماي، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدىرى خەلىفە ھافتەر تەرەپدارى توبرۇك ۋەكىللەر مەجلىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مىسىرنىڭ ھەربىي مۇداخىلىسى تىلغا ئېلىنغانىدى.

ئاقىلە سالىھنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى توبرۇك مەجلىسىنىڭ باياناتىدا، «ئەگەر مىسىر ھۆكۈمىتى، لىۋىيە ۋە مىسىرنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە بەزى خەۋپلەر بار دەپ قارىسا، رايوندىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مىسىر ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مۇداخىلە قىلىشىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر