ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى جۈمە (2020-يىلى 17-ئىيۇل) كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرەلەردە، كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى.

1458072
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئىقتىسادىي تەسىرلىرىگە قارشى تەييارلانغان قۇتقۇزۇش پىروگراممىسى ۋە كېلەچەكتىكى خامچوت مەسىلىسى بويىچە جۈمە كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرەلەردە، كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. يىغىن پىروگراممىسى يەنە ئۇزارتىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقىنىڭ باياناتچىسى بارېند لېيتس (Barend Leyts) تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، جۈمە كۈنىدىن بۇيان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئېچىلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، رەھبەرلەرنىڭ چۈشتىن كېيىن يەنە توپلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا رەھبەرلەر يىغىنىنى 17-18-ئىيۇل كۈنلىرى ئېچىش پىلان قىلىنغان بولۇپ، كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن يىغىن پىروگراممىسى ئۇزارتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر